ئىستانبۇلدىكى بومبا ھۇجۇمىنى قىلغۇچى نازارەتكە ئېلىندى

ئىستانبۇلنىڭ بەيئوغلۇ رايونىدىكى تاكسىم ئىستىقلال كوچىسىدا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا 6 كىشى قازا قىلىپ، 81 كىشى يارىلاندى.

1905868
ئىستانبۇلدىكى بومبا ھۇجۇمىنى قىلغۇچى نازارەتكە ئېلىندى
fuat oktay

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي رايوندىكى تەكشۈرۈشتىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، پارتلاشتا 6 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 81 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ۋە يارىدارلاردىن 2 نەپىرىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ھۇجۇم يۈز بەرگەن رايوندا كېچىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلايمان سويلۇ بۇ ھۇجۇمنى قىلغۇچىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

سۈلايمان سويلۇ: «بومبىنى ئورۇنلاشتۇرغان كىشى ئىستانبۇل ساقچى ئىدارىسى ئەترىتى تەرىپىدىن نازارەتكە ئېلىندى. بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ تەخمىنەن 21 كىشى نازارەتكە ئېلىنغان ئىدى» دېدى.

ئىستانبۇل ۋالىيسى ئەلى يەرلىكايا ۋەقەدە يارىلانغان 50 كىشىنىڭ داۋالىنىشى تاماملىنىپ بالنېستتتىن چىققانلىقىنى ۋە 31 كىشىنىڭ داۋالىنىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر