ئەردوغان بىلەن شەنتوپ  ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان  قىلدى

بۈگۈن (10-نويابىر) تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچىسى غازى مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ ئارىمىزدىن ئايرىلغانلىقىنىڭ 84 – يىللىق خاتىرە كۈنى.

1904641
ئەردوغان بىلەن شەنتوپ  ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان  قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئارىمىزدىن ئايرىلغانلىقىنىڭ 84 – يىللىق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنى، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە سائەت 9 دىن 5 مىنۇت ئۆتكەندە ئېلان قىلغان باياناتى ئارقىلىق ياد ئەتتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «مۇستەقىللىق كۈرىشىمىزنىڭ باش قوماندانى، جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ قۇرغۇچىسى غازى مۇستاپا كامال  ئاتاتۈركنى، ئۇنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنىڭ 84 – يىللىق خاتىرە كۈنىدە، چوڭقۇر ھۆرمەت، سېغىنىش ۋە مىننەتدارلىق ئىلكىدە ياد ئېتىمەن.»

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپمۇ، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ تۇنجى باشلىقى، مىللىي  كۈرەشنىڭ باش قوماندانى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇنجى جۇمھۇر رەئىسى غازى مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنى، ئارىمىزدىن ئايرىلغانلىقىنىڭ 84 – يىللىق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن چوڭقۇر ھۆرمەت، سېغىنىش ۋە مىننەتدارلىق ئىلكىدە ياد ئېتىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:  «مىللىي مەۋجۇدىيىتىمىزنى ئەبەدىي ئەركىن ۋە مۇستەقىل داۋاملاشتۇرۇش يولىدا، ئەقىل- پاراسەت ۋە جاسارەت بىلەن مۇھىم قارار چىقارغان غازى مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك، بىزگە <ئەڭ چوڭ يادىكارلىق> جۇمھۇرىيەتنى مىراس قالدۇردى. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى،مىللىتىمىزنىڭ تەۋرەنمەس بىرلىكى ۋە ھەمىشە <تولۇق مۇستەقىللىق / ھەردائىم ئەركىنلىك> ئېڭىغا ئاساسەن مەڭگۈ ياشنايدۇ.»

«ئاسارەتكە باش ئەگمىگەن بىر مىللەتنىڭ ئەۋلادى ۋە رەھبىرى بولغان ئاتاتۈرك ھەمدە ئۇنىڭ قەھرىمان سەپداشلىرى بىزگە ئامانەت قويۇپ كەتكەن مەسئۇلىيەتنى تونۇپ يېتىپ، مىللىي كۈرەش روھى ئاساسىدا، ھەممىمىز بىرلىكتە يۈز يىللارچە غەلىبە مەنزىلگاھىغا قاراپ غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلەيمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر