بۈگۈن  ئاتاتۈرك ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنىڭ 84 يىللىق خاتىرە كۈنى

«ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقنىڭ سىمۋولى» ئېلان قىلىنغان، بىر مىللەتنى ئاسارەتتىن قۇتقۇزغان بۈيۈك رەھبەر مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ ۋاپات بولغىنىغا 84 يىل بولدى.

1904515
بۈگۈن  ئاتاتۈرك ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنىڭ 84 يىللىق خاتىرە كۈنى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاتاتۈرك ئالەمدىن ئۆتۈشتىن بىرقانچە مىنۇت ئىلگىرى، دولماباھچە سارىيىنىڭ كارىدورىدا «قاراڭ، بىر دەۋر ئۆتۈپ كەتتى ...» دېگەن سۆز ياڭرىغان چاغدا، 1938-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت دەل 09:05 ئىدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك، 57 يىللىق ھاياتىدا پەقەت تۈركىيە خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق ئۇرۇشىغا (1919-1923 – يىللار) مۇۋەپپەقىيەتلىك رەھبەرلىك قىلغان قوماندان بولۇپلا قالماي، ئىنقىلابلىرى بىلەنمۇ  دانىشمەن بىر دۆلەت ئەربابى سۈپىتىدە تارىخ سەھىپىسىدىن مەڭگۈلۈك ئورۇن ئالدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى غازى مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنىڭ 84 – يىللىق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئۇنىڭ مەقبەرەسى جايلاشقان ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىدا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا رەسمىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى.

ئەردوغان، ئاتاتۈركنىڭ مەقبەرىسىگە ئاق – قىزىل گۈللەردىن تەشكىل تاپقان گۈلچەمبىرەك قويدى. ئاتاتۈرك بۇنىڭدىن 84 يىل ئىلگىرى ئالەمدىن ئۆتكەن سائەت بولغان 9 دىن 5 مىنىۇت ئۆتكەندە ھۆرمەتتە تۇرۇلدى، ئارقىدىن «ئىستىقلال مارشى» ئوقۇلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىنىڭ مەخسۇس دەپتىرىگە مۇنداق دەپ يازدى: «ھۆرمەتلىك  ئاتاتۈرك! مىللىتىمىزنىڭ يۈز  يىللىق ئۇلۇغۋار غايىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانغا قەدەر قەتئىي ئىرادە بىلەن ئالغا بېسىپ، بىر ئىزدا توختاپ قالمايمىز، ھۇجۇملار ئالدىدا يىقىلمايمىز، كۈرىشىمىزنى قەتئىي ئىرادە بىلەن كەسكىن داۋاملاشتۇرىمىز.»

 ئاتاتۈرك، تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىمۇ ھۆرمەت بىلەن خاتىرىلەندى. سائەت 9 دىن 5 مىنۇت ئۆتكەندە، تۈركىيە خەلقى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بىر مىنۇۇتلۇق ھۆرمەتتە تۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر