قالىن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا كىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا كۆزەتكۈچى دۆلەت سۈپىتىدە قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1902579
قالىن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا كىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىبراھىم قالىن ئىستانبۇل ئۇنۋېرسىتىتىدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆز قىلىپ، تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى بايرىقى ئاستىدا تۈرك دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا ئىنتايىن قويۇق مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

11-نويابىر ئۆزبېكىستاندا ئۆتكۈزۈلىدىغان تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدا، بۇ مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم قارارلارنىڭ چىقىرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن قالىن، بۇ قارارلارنىڭ بىرىنىڭ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا كۆزەتكۈچى دۆلەت سۈپىتىدە ئىشتىراك قىلىشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئىبراھىم قالىن سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «شۇنداق قىلىپ، بىز تۈرك ئىتتىپاقىنى كۈچەيتىش پۇرسىتىگە ئېرىشىمىز. مەن ئالدىمىزدىكى يىلى (ئەزەربەيجاننىڭ) شۇشا (شەھىرى)نىڭ تۈرك دۇنياسىنىڭ مەدەنىيەت پايتەختى بولىدىغانلىقىدىن خۇشاللىق ھېس قىلغانلىقىمىزنى بىلدۈرىمەن. بۇ دائىرىدە ئىشلىنىدىغان خىزمەتلەرنىڭ شۇشانىڭ تېخىمۇ كۆپ تونولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى تىلەيمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر