چاۋۇشئوغلۇ: «28 - ئۆكتەبىردە جۇمھۇر رەئىسىمىز تۈركىيە ئەسرى نىشانىنى ئورتاقلىشىدۇ»

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، 28 - ئۆكتەبىردە جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە ئەسرى نىشانىنى پۈتۈن مىللىتىمىز ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكى بىلەن ئورتاقلىشىدۇ » دېدى.

1896374
چاۋۇشئوغلۇ: «28 - ئۆكتەبىردە جۇمھۇر رەئىسىمىز تۈركىيە ئەسرى نىشانىنى ئورتاقلىشىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ھاتايدا ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە سودا-سانائەتچىلەر ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

چاۋۇشئوغلۇ سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، چېگرادىكى ئۆزگىرىشلەر ئۈستىدە توختىلىپ، «دۇنيادىكى كرىزىس، ئۇرۇش ۋە توقۇنۇشلارنىڭ ھەممىگە قارايدىغان بولساق، ئەپسۇسكى ئۇلارنىڭ 60 پىرسەنتى رايونىمىزدا، ئەتراپىمىزدا ۋە يېقىن جۇغراپىيىمىزدە يۈز بەرمەكتە. بىز ئەتراپىمىزدىكى بۇ كرىزىسلارغا قارىماي، تەرەققىي قىلىۋاتقان، زورىيىۋاتقان ۋە كۈچىيىۋاتقان دۆلەتكە ئايلاندۇق» دېدى.

چاۋۇشئوغلۇ سۈرىيەدىكى پاجىئەلەرگە ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پاجىئەلەرنىڭ لىۋىيە ۋە ئىراقتىمۇ مەۋجۇتلۇقىنى ئېيتتى.

چاۋۇشئوغلۇ بۇلارنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلاشماسلىقى ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ بۇ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، «ئەگەر بىز بولمىغان بولساق، لىۋىيە بۈگۈنكى كۈندە بىر سۈرىيەگە ئايلىنىپ قالغان بولاتتى» دېدى.

چاۋۇشئوغلۇ سۈرىيە مەسىلىسىنىڭمۇ سىياسى شەكىلدە ھەل قىلىنىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تىلغا ئېلىپ، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، ھاكىمىيەت  بىلەن ئۆكتىچىلەرنىڭ چوقۇم بىر ئاساسىي قانۇن تۈزۈپ چىقىشى، ئاندىن سايلام قاتارلىق ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر يول خەرىتىسىدە بىرلىككە كېلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىمەكتىمىز» دېدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىككىنچى ئەسرىنى «تۈركىيە ئەسرى» قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن چاۋۇشئوغلۇ «بۇ بىر خىيال ئەمەس. كېلەر يىلى جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ 100 - يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز ۋە جۇمھۇرىيىتىمىز ئىككىنچى ئەسرىگە قەدەم قويىدۇ. جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ ئىككىنچى ئەسرى تۈركىيە ئەسرى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بىز نىشانلارنى ۋە تەسەۋۋۇرلارنى ئوتتۇرىغا قويىمىز. ئىنشائاللاھ بۇ ئاينىڭ 28 - كۈنى تۈركىيە ئەسرى نىشانىمىزنى ھەرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسىمىز پۈتۈن مىللىتىمىز ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكى بىلەن ئورتاقلىشىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر