ئالتۇن مۇسۇلمان دۆلەتلەرنى ئۇچۇر بولغىنىشى ۋە ئىسلام دۈشمەنلىكىگە قارشى ھەمكارلىق ئورنىتىشقا چاقىردى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى دېرىكتورى فاھرەتتىن ئالتۇن، مۇسۇلمان ئەللەرنى ئۇچۇر بولغىنىشى ۋە ئىسلام دۈشمەنلىكىگە قارشى ھەمكارلىق ئورنىتىشقا چاقىردى.

1896242
ئالتۇن مۇسۇلمان دۆلەتلەرنى ئۇچۇر بولغىنىشى ۋە ئىسلام دۈشمەنلىكىگە قارشى ھەمكارلىق ئورنىتىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى دېرىكتورى فاھرەتتىن ئالتۇن، يالغان خەۋەر، ئۇچۇر بۇلغىنىشى ۋە بۇرمىلاش قىلمىشلىرىنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئىسلام دۇنياسىنى ئىسلام دۈشمەنلىكى ۋە ئۇچۇر بۇلغىنىشىغا قارشى ھەمكارلىق ئورنىتىشقا چاقىردى.

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ 12 – نۆۋەتلىك ئۇچۇر – ئاخبارات مىنىستىرلىرى يىغىنى تۈنۈگۈن ئىستانبۇلدا باشلاندى؛ فاھرەتتىن ئالتۇن يىغىندا سۆز قىلىپ، يىغىننىڭ تېمىسىنىڭ «ھەقىقەتتىن ھالقىغان دەۋردە ئۇچۇر بۇلغىنىشى ۋە ئىسلام دۈشمەنلىكىگە قارشى تۇرۇش» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئىسلام دۆلەتلىرىنى ئۆزئارا ھەمكارلىق ئورنىتىشقا چاقىردى.

ئۇ، ھەم ئۇچۇر بۇلغىنىشى ھەمدە ئىسلام دۈشمەنلىكىنىڭ يەرشارى خاراكتېرلىك تەھدىت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «بىز نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يالغان ئۇچۇر ۋە بۇرمىلاشلارنىڭ رېئاللىق ۋە ھەقىقەتنىڭ ئورنىنى ئېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. سىستېملىق ئۇچۇر بۇلغىنىشى شەخسلەردىن جەمئىيەتلەرگىچە؛ دۆلەت بىخەتەرلىكىدىن تارتىپ يەر شارىنىڭ مۇقىملىقىغىچە بولغان بارلىق تەرەپلەرگە ئېغىر تەھدىتلەرنى ئېلىپ كەلمەكتە» دېدى.

فاھرەتتىن ئالتۇن ئۇچۇر بۇلغىنىشىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىشنىڭ مۇھىملىقىنى  تەكىتلەپ: «ھەر بىر دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكى بىلەن دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ھەر خىل تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشى، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىشى كېرەك» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر