ئەردوغان ئىستانبۇلدا قاتار ئەمىرى ئال سانى بىلەن كۆرۈشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئال سانى بىلەن كۆرۈشتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىستانبۇلدىكى دولماباھچە سارىيىدىكى ئىشخانىسىدا قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ئال سانى بىلەن يېپىق ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى؛ ئۇچرىشىشتىن كېيىن، ئىككى رەھبەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مىنىستىرلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن تۈركىيە – قاتار يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستراتېگىيەلىك كومىتېتىنىڭ 8 – نۆۋەتلىك يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن قاتار باش مىنىستىر ياردەمچىسى، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد بىن ئابدۇرراھمان ئال سانى يىغىندىن كېيىن قوشما خىتابنامىگە ئىمزا قويدى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىممۇ ئىشتىراك قىلغان مۇراسىمدا يەنە، ھەر خىل ساھەلەر بويىچە 11 تۈرلۈك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىياكوس مىتسوتاكىس ئەتە تۈركىيەگە يېتىپ كېلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە مىتسوتاكىسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.