تۈركىيە بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ <گۇماندارلارنىڭ قايتۇرۇلۇشى> توغرىسىدىكى سۆھبىتى ئەنقەرەدە باشلاندى

تۈركىيە بىلەن شىۋېتسىيە ئەدلىيە مىنىستىرلىقلىرىنىڭ ئالاقىدار خادىملىرىنىڭ تېررور گۇماندارلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىش توغرىسىدىكى سۆھبىتى پايتەخت ئەنقەرەدە باشلاندى.

1888664
تۈركىيە بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ <گۇماندارلارنىڭ قايتۇرۇلۇشى> توغرىسىدىكى سۆھبىتى ئەنقەرەدە باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۆھبەتلەردە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ھەيئىتىگە تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرى باش مۇدىرى قاسىم چىچەك رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.

ئەدلىيە مىنىستىرى بەكىر بوزداغ ئۆتكەن ھەپتە تېررورلۇق گۇماندارلىرىنىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىشى توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن 5-، 6 – ئۆكتەبىر كۈنلىرى شىۋېتسىيە ئەدلىيە مىنىستىرلىقىدىن بىر ھەيئەتنىڭ تۈركىيەگە كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر