گىرېتسىيە تەرىپىدىن قايتۇرۇۋېتىلگەن 29 قانۇنسىز كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى
ئايدىن ۋىلايىتىنىڭ قۇشئاداسى ناھىيەسى دېڭىز ساھىللىرىدا گىرېتسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تۈركىيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتۇرۇۋېتىلگەن 29 قانۇنسىز كۆچمەن تۈركىيە ساھىل بىخەتەرلىك ئەترەتلىرى تەرىپىدىن قۇتقۇزۇۋېلىندى.
1888249
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ساھىل بىخەتەرلىك قوماندانلىق ئىشتابى ئەترەتلىرى، ئايدىن ۋىلايىتىنىڭ قۇشئاداسى ناھىيەسى دېڭىز ساھىللىرىدا بىر گۇرۇپپا تەرتىپسىز كۆچمەننىڭ كۆرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، گىرېتسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تۈركىيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتۇرۇۋېتىلگەن 29 قانۇنسىز كۆچمەننى قۇتقۇزۇۋالدى.
قانۇنسىز كۆچمەنلەر، رەسمىيەتلىرىنىڭ تاماملىنىشىدىن كېيىن، ۋىلايەتلىك كۆچمەنلەر ئىدارىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىياكوس مىتسوتاكىس ئەتە تۈركىيەگە يېتىپ كېلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە مىتسوتاكىسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.