ئەردوغان يەھۇدىيلارنىڭ «روش ئاشانا» بايرىمىنى تەبرىكلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىبرانىي كالېندارى بويىچە يېڭى يىلغا سىمۋول قىلىنغان يەھۇدىيلارنىڭ «روش ئاشانا» بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

1884258
ئەردوغان يەھۇدىيلارنىڭ «روش ئاشانا» بايرىمىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر - ئالاقە ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، ئەردوغان «روش ئاشانا» بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك سۆزى ئېلان قىلغان.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يەھۇدىيلارنىڭ «روش ئاشانا» كۈنىنى تەبرىكلەپ، «ئوخشىمىغان ئېتىقادتىكى پۇقرالىرىمىزنىڭ ئەسىرلەر بويى تىنچ ۋە خاتىرجەم بىللە ياشىغانلىقى، دۆلىتىمىزنى ھەر دائىم كۈچلۈك قىلىپ كەلگەن ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىكلىكلەرنىڭ بىرسىدۇر. بىز بۇ بايلىقىمىزنىڭ دۆلىتىمىزنى ھەر جەھەتتىن ئالغا ئىلگىرىلىتىدىغانلىقىغا تولۇق ئىشىنىمىز. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن،  ئىبرانىي كالېندارىغا ئاساسەن يېڭى يىل ھارپىسى بولغان روش ئاشانا بايرىمىنىڭ بارلىق يەھۇدىي پۇقرالىمىزغا ۋە يەھۇدىي دىنىدىكىلەرگە سالامەتلىك، تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر