ئەردوغان گىرېتسىيە توغرىسىدا ئېلان قىلغان باياناتى ئۈستىدە توختالدى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان گىرېتسىيەنىڭ يېقىنقى كۈنلەردىكى تۈركىيەگە قارشى پوزىتسىيەسىنى چۈشەنگىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىر كېچە تۇيۇقسىز باستۇرۇپ بارىمىز دېدۇق، ئۇلار بۇنى چۈشىنىدۇ» دېدى.

1878026
ئەردوغان گىرېتسىيە توغرىسىدا ئېلان قىلغان باياناتى ئۈستىدە توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بالقان رايونىدىكى ئۈچ دۆلەتكە قىلغان زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ دۆلەتكە قايتىش سەپىرىدە، ئايروپىلاندا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇ ئىلگىرى گىرېتسىيە توغرىسىدا ئېيتقان «بىر كېچە تۇيۇقسىز باستۇرۇپ بارىمىز» دېگەن سۆزى توغرىسىدىكى سوئالغا: «بىلدۈرمەكچى بولغان مەنە ناھايىتى ئېنىق. گىرېتسىيەنىڭ يېقىنقى كۈنلەردىكى تۈركىيەگە قارشى پوزىتسىيەسىنى چۈشەنگىلى بولمايدۇ. بىر تەرەپتە ئەگە دېڭىزىدا قىلغان خىلاپلىق قىلمىشلىرى بار، بەزىدە ناتودا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئايروپىلانلىرىمىزغا پاراكەندىچىلىك سالدى، ھەتتا <S-300> باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار رادارنى قۇلۇپلاشقا ئوخشاش ھەرىكەتلەرنى قىلدى. بىزنىڭ <S-400> لىرىمىزگە مۇناسىۋەتلىك گەپ قىلغانلارنىڭ مۇشۇ چاغقىچە گىرېتسىيەنىڭ <S-300> لىرى توغرىسىدا بىر نەرسە دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىڭلارمۇ؟ <S-300> ياكى <S-400> بولسۇن ھەممىسى رۇسىيەدە ياسالغان. ئەمما، ئۇنىڭغا ھېچقانداق گەپ يوق. بۇرنىمىزنىڭ ئۇچىدىكى ئاراللارغا كېلىشىم ئارقىلىق كەلتۈرۈلگەن غەيرىي رەسمىي سالاھىيەتتىكى ھەربىي كۈچ بىلەن قوراللاندۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ» دېدى.

ئۇ ئامېرىكانىڭ گىرېتسىيەدە ھەربىي بازا قۇرغانلىقى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى (26-26-سېنتەبىر) غا بارغىنىدا، پىرېزىدېنت بايدىن بىلەن كۆرۈشۈپ، بۇ مەسىلىلەرنى سۆھبەتلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ گىرېتسىيەنىڭ ئەگە ۋە شەرقىي ئاقدېڭىز مەسىلىسىدە تۈركىيەگە زورلاپ تاڭماقچى بولغان تىزىسلىرىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بۇنىڭ قاراپ تۇرىدىغان تەرىپى يوق. تۈركىيە بىلەن بىۋاستە سۆھبەتلىشىشنىڭ ئورنىغا، ب د ت دا، ئامېرىكادا، ياۋروپا ئىتتىپاقىدا، ھەتتا بىز ئەڭ كۈچلۈك بولغان ناتودا ئۈستىمىزدىن شىكايەت قىلىپ، تەھدىت پەيدا قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. بۇنى قوبۇل قىلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. ئۇلار قانداق گەپنى چۈشەنسە، شۇنداق گەپنى قىلىمىز. ئۇلارنى چۈشىنىدۇ دەپ ئويلايمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر