ئەردوغان كىرودىيەدە

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سېربىيەدىكى ئۇچرىشىشلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، بالقان زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى بولغان كىرودىيەگە ئۆتتى.

1877181
ئەردوغان كىرودىيەدە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈنۈگۈن كەچ تەرەپلەردە كىرودىيەنىڭ پايتەختى زاغرېبقا يېتىپ بارغان دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەتنىڭ ئۇچرىشىشلىرى بۈگۈن باشلىنىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، بالقان زىيارىتى دائىرىسىدە، ئالدىنقى كۈنى بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنادا، تۈنۈگۈن سېربىيەدە زىيارەتتە بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر