بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا -تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا كىملىك بىلەن بېرىش-كېلىش باشلىنىدۇ

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كىملىك بىلەن بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا-تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا ساياھەت قىلىشقا رۇخسەت قىلىشنى قارار قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1876597
بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا -تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا كىملىك بىلەن بېرىش-كېلىش باشلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا پىرېزىدېنتلىق كېڭىشىنىڭ باشلىقى سەفىك دزافېروۋىج پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى بىناسى ئالدىدا رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى رەسمىي مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋالدى. مۇراسىمدىن كېيىن، رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا پىرېزىدېنتلىق كېڭىشىنىڭ ئەزالىرىدىن سەفىك دزافېروۋىج، زېلژكو كومسىك ۋە مىلوراد دودىك بىر يەرگە جەم بولدى ھەمدە ئۆزئارا تۈزۈلگەن كېلىشىملەرگە ئىمزا قويدى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: «ئەمدى كىملىك بىلەن بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا-تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا ساياھەت قىلىشقا رۇخسەت قىلىشنى قارار قىلدۇق» دېدى.

ئۇ بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنانىڭ سايلام قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەنلىكى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا: «سايلام قانۇنىغا مۇناسىۋەتلىك قارارنى ئۈچ رەھبەر چىقىرىشى كېرەك. بۇنىڭغا ئالىي ۋەكىلنىڭ ئارىلىشىشى دېموكراتىيەنىڭ پىرىنسىپلىرىغا خىلاپ» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ بوسنىيە-گېرتسېگوۋىناغا قاراپ يولغا چىقىشنىڭ ئالدىدا ئېلان قىلغان باياناتلىرى توغرىسىدىكى سوئالغا: «قوللىرىدىكى ئاراللاردا ھەربىي بازىلار بار. ئۇ يەرلەردە بىزگە قارشى قانۇنسىز ھالدا تەھدىت سېلىشنى داۋاملاشتۇرسا، سەۋرنىڭمۇ چېكى بار» دەپ جاۋاب بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر