ئاقار ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ يېڭى ئۇچۇش مەشىق يىلىنى ئىشقا كىرىشتۈردى
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ يېڭى ئۇچۇش مەشىق يىلىنى ئەگە دېڭىزىنىڭ شىمالىي قىسمىغا مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن ئۇچۇش ئارقىلىق ئىشقا كىرىشتۈردى.
1875110
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش ئىشتاب باشلىقى ياشار گۈلەر بىلەن ھەرقايسى ئارمىيەلەرنىڭ قوماندانلىرىمۇ ھەمراھ بولغان ئۇچۇشتا، ئاقار، چاناققەلئە بوغۇزى ئۈستىدىن چاناققەلئە شېھىتلار ئابىدەسىگە سالام بەردى، ھەمدە بۇ يەردە، ھەربىي خادىملارغا خىتاب قىلىپ، مۇنداق دېدى: «چاناققەلئەدە يېتىۋاتقانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق شېھىتلىرىمىزغا لايىق ۋارىس بولۇشقا تىرىشىمىز، كۈرىشىمىزنى چاناققەلئە روھى بويىچە داۋاملاشتۇرىمىز.»
ئاقار، ھازىرغىچە ۋەزىپىلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتەپ كېلىۋاتقان ھەربىي خادىملارنى تەبرىكلىدى، ھەمدە يېڭى ئۇچۇش مەشىق يىلىنىڭمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىياكوس مىتسوتاكىس ئەتە تۈركىيەگە يېتىپ كېلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە مىتسوتاكىسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.