شىمالىي ئىراقتا ئىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك ئەزاسى ئىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
1874307
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ <پەنچە-كلىت> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بايقالغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك ئەزاسى ئىككى تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
باياناتتا: «تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىلىرىنى بىتچىت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.