ئۇكرائىنادىن يەنە 2 پاراخوت ئاشلىق يولغا چىقتى

ئاشلىق توشۇش پىلانى دائىرىسىدە، يەنە 2 پاراخوت ئۇكرائىنادىن يولغا چىقتى.

1870628
ئۇكرائىنادىن يەنە 2 پاراخوت ئاشلىق يولغا چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئاشلىق توشۇش پىلانى دائىرىسىدە يەنە 2 پاراخوتنىڭ ئۇكرائىنا پورتىدىن يولغا چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا، «ئۇكرائىنا پورتلىرىدىكى ئاشلىقلارنى توشۇش خىزمەتلىرى بىرلەشمە ماسلاشتۇرۇش مەركىزىنىڭ كونتروللۇقىدا پىلانلانغاندەك داۋاملاشماقتا. بۈگۈن ئەتىگەن يەنە 2 پاراخوت ئۇكرائىنا پورتىدىن يولغا چىقتى» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر