ئەردوغان: بىزنىڭ تۈركىيە خەلقىگە قىلىدىغان ناھايىتى كۆپ خىزمەتلىرىمىز بار

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە ئۈچۈن قىلىدىغان ناھايىتى كۆپ ئىشلىرىنىڭ ۋە تۈركىيە خەلقى  ئۈچۈن ئىشلەيدىغان ناھايىتى كۆپ خىزمەتلىرىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

1868186
ئەردوغان: بىزنىڭ تۈركىيە خەلقىگە قىلىدىغان ناھايىتى كۆپ خىزمەتلىرىمىز بار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، رەھبەرلىكىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ  21 – يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى مۇناسىۋىتى بىلەن قىلغان سۆزىدە، مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ تۈركىيە ئۈچۈن قىلىدىغان ناھايىتى كۆپ ئىشلىرىمىز ۋە تۈركىيە خەلقى  ئۈچۈن ئىشلەيدىغان ناھايىتى كۆپ خىزمەتلىرىمىز بار. بىزنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىن بالقان رايونىغىچە، ئافرىقا قىتئەسىدىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغىچە نەزىرىنى تۈركىيەگە ئاغدۇرغان ۋە تۈركىيەنى چىن دىلىدىن سۆيىدىغان 100 مىليونلارچە كىشىلەر ئۈچۈن ياندۇرۇشقا تېگىشلىك ناھايىتى كۆپ ئۈمىد چىراغلىرىمىز بار. بىزنىڭ ئۆتمۈشتىن كېلەچەككە سالغان كۆۋرۈكىمىزنى ئۇزارتىدىغان ناھايىتى كۆپ يەرلىرىمىز بار.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر