چاۋۇشئوغلۇ ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

دىپلوماتىيە مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھىيان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1866235
چاۋۇشئوغلۇ ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى مىنىستىرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىراندا ئىيۇل ئېيىدا يۈز بەرگەن سەل پالاكىتى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى، ئوتتۇرا شەرق رايوندىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە يادرو كېلىشىمى مۇزاكىرىلىرى ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر