سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا ئېغىر زەربە بېرىلدى

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ نىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى زەيتۇن شېخى ۋە تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنغان 13 ئەزاسى بىر تەرەپ قىلىندى.

1864705
سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا ئېغىر زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، قەھرىمان تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تېررورچىلارغا قارشى ھەرىكەتلىرىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى؛ باياناتتا: «زەيتۇن شېخى  ۋە تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى رايونلىرىغا پاراكەندىچىلىك سېلىش ئۈچۈن ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنغان پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى 13 تېررورچى غەلىبىلىك ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۇجۇقتۇرۇلدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

تۈركىيەنىڭ تۇنجەلى ۋىلايىتى تاغلىق رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئەسناسىدىمۇ تېررورچىلارنىڭ ئىككى پاناھلىنىش ئورنى بىتچىت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر