ئۇكرائىنادىن لىۋانغا قاراپ يولغا چىققان ئاشلىق پاراخوتى چاناققەلئە بوغۇزىدىن ئۆتتى

ئۇكرائىنانىڭ ئودېسسا پورتىدىن كۆممىقوناق بېسىپ لىۋاننىڭ ترابلۇس پورتىغا قاراپ يولغان چىققان «رازونى» ناملىق پاراخوت چاناققەلئە بوغۇزىدىن ئۆتتى.

1863778
ئۇكرائىنادىن لىۋانغا قاراپ يولغا چىققان ئاشلىق پاراخوتى چاناققەلئە بوغۇزىدىن ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە، ئۇكرائىنا، تۈركىيە ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) تەرىپىدىن ئىمزالانغان «ئۇكرائىنا پورتلىرىدىن ئاشلىق ۋە يېمەكلىكلەرنى بىخەتەر توشۇش كېلىشىمى»نىڭ روھىغا ئاساسەن، 27 توننا كۆممىقوناقنى بېسىپ يولغا چىقىپ، تۈنۈگۈن ئىستانبۇل رۇمەلىھىسارى دېڭىز تەۋەلىكىدە توختىغان سېررالېئون بايراقلىق پاراخوت، ئىستانبۇل بوغۇزىدىن ئۆتۈپ مەرمەر دېڭىزدا ئىلگىرىلىمەكتە.

پاراخوت شىمالىي يۆنىلىشتىن تۈركىيە ۋاقتى سائەت 10دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە كىرگەن چاناققەلئە بوغۇزىنى 2.5 سائەتتە بېسىپ ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر