سۈرىيەنىڭ شىمالىدا يەتتە تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى يەتتە تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1861220
سۈرىيەنىڭ شىمالىدا يەتتە تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ: «تېررورچىلارنىڭ پاراكەندىچىلىك سېلىش مەقسەتلىك ھۇجۇملىرى جاۋابسىز قالمايدۇ. سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا ئوق چىقارغان پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى يەتتە تېررورچى ئارمىيەمىز تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىندى» دېدى.

تۈركىيە ئارمىيەسى 2016 – يىلى 24 – ئاۋغۇستتىن 2017 – يىلى 29 – مارتقىچە بولغان جەرياندا فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتىنى ئېلىپ بېرىپ، سۈرىيەنىڭ شىمالىنى تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرغانىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر