ئاقار ئاستىن ۋە كۇبراكوۋ بىلەن تېلېفونلاشتى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاقار ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى للويىد ئاستىن ۋە ئۇكرائىنا ئۇل ئەسلىھە مىنىستىرى ئالېكساندىر كۇبراكوۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1859379
ئاقار ئاستىن ۋە كۇبراكوۋ بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقار، ئالدى بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى للويىد ئاستىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى مىنىستىرنىڭ، تۈركىيە – ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايونلۇق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان تېلېفون سۆھبىتىدە، ئاقار بىلەن ئاستىن، ئۇكرائىنادىكى ئاشلىقنى يۆتكەش، تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش، تۈركىيە – گىرېتسىيە مۇناسىۋەتلىرى ۋە « F-16» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ تۈركىيەگە سېتىپ بېرىلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى ھەققىدە ئۆزئارا ئۇچۇر ھەم پىكىر ئالماشتۇرغان.

كېيىنچە  ئۇكرائىنا ئۇل ئەسلىھە مىنىستىرى ئالېكساندىر كۇبراكوۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن ئاقار، ئۇكرائىنادىكى ئاشلىقنىڭ مۇشۇ ھەپتە توشۇلۇشقا باشلىنىشى توغرىسىدىكى باياناتتىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تۇنجى پاراخوتنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە سەپەرگە ئاتلىنىشىنىڭ موھىملىقىنى، تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئاشلىقنىڭ يۆتكىلىشى مەسىلىسىدە ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغانلىقىنى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ  شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان، ھەمدە ئاشلىقنىڭ يۆتكىلىشى ئۈچۈن قۇرۇلغان بىرلەشمە ماسلاشتۇرۇش مەركىزىدە پائالىيەتلەرنىڭ قويۇق شەكىلدە داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر