تۈركىيە رەھبەرلىرى ئىستانبۇلدا ئىمزالانغان ئۇكرائىنا ئاشلىقى كېلىشىمى توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (ت ب ب م) باشلىقى مۇستاپا شەنتوپ ۋە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن تۈنۈگۈن ئىستانبۇلدا ئىمزالانغان ئاشلىق كېلىشىمى توغرىسىدا توختالدى.

1858502
تۈركىيە رەھبەرلىرى ئىستانبۇلدا ئىمزالانغان ئۇكرائىنا ئاشلىقى كېلىشىمى توغرىسىدا توختالدى
altun.jpg
sentop.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستاپا شەنتوپ، تۈركىيە، رۇسىيە، ئۇكرائىنا ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان ئۇكرائىنا ئاشلىقىنى دۇنيا بازارلىرىغا يۆتكەش كېلىشىمى توغرىسىدا توختىلىپ: «بۇ بىر تارىخىي قەدەم. بۇ پەقەت تۈركىيەلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدىغان بىر ئىش ئىدى. بۈيۈك تۈركىيە سېنى تەبرىكلەيمەن، ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رەھمەت سىزگە» دېدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ھىمايىسىدە ئىمزالانغان ئۇكرائىنا ئاشلىقىنى يۆتكەش كېلىشىمى توغرىسىدا توختىلىپ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رەھبەرلىكىدىكى تۈركىيەنىڭ، خەلقئارا جەمئىيەتكە دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى دىپلوماتىيە يولى بىلەن ھەل قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىپ بەرگەنلىكىنى، ئىمزالانغان كېلىشىمنىڭ كۈچلۈك ئېھتىياج چۈشۈۋاتقان ئاشلىق ئېكسپورتىنىڭ يولىنى ئېچىپ، دۇنيا ئاشلىق كىرىزىسىنى يەڭگىللەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلىرىمىزنىڭ قانچىلىك ئېغىر بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئالاقىلىشىش، سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ۋە دىپلوماتىيەگە بولغان ئىشەنچىمىز ھەر دائىم كۈچلۈك بولۇپ كەلدى. تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، مۇقىملىق ۋە تىنچلىق دەۋاسىغا خىزمەت قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشتىن قەتئىي باش تارتمايمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر