تۈركىيە مىسىرغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە مىسىرنىڭ مىنيە شەھىرىدە يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈردى.

1857054
تۈركىيە مىسىرغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرىلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، مىسىرنىڭ مىنيە شەھىرىدە يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە نۇرغۇن كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە يارىلانغانلىقىغا دائىر خەۋەردىن  ناھايىتى قايغۇرۇش ئىچىدە خەۋەر تاپقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، «ھادىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ۋە قېرىنداش مىسىر خەلقىگە شۇنداقلا مىسىر ھۆكۈمىتىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز. يارىلانغانلارنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىنى تىلەيمىز» دېيىلدى.

مىسىرنىڭ جەنۇبىدىكى مىنيە شەھىرىدە بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسىنىڭ يولدا توختىتىپ قويۇلغان يۈك ئاپتوموبىلىغا سوقۇلۇپ كېتىشى نەتىجىسىدە 22 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 33 كىشى يارىلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر