ئىراقنىڭ شىمالىدا يەتتە تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك ئەزاسى يەتتە تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1856822
ئىراقنىڭ شىمالىدا يەتتە تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، «تېررور ۋە تېررورچىلارغا قارشى كۈرىشىمىز قەتئىيلىك بىلەن داۋام قىلماقتا. قەھرىمان ئەسكەرلىرىمىز ئىراقنىڭ شىمالىدىكى <پەنچە-كلىت>، <پەنچە-قاپلان> ۋە <پەنچە-شىمشەك> ھەربىي ھەرىكىتى رايونلىرىدا پ ك ك ئەزاسى يەتتە تېررورچىنى بايقاپ بىر تەرەپ قىلدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر