شەنتوپ 3 دۆلەتنىڭ پارلامېنت باشلىقى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ «قۇربان ھېيت» مۇناسىۋىتى بىلەن  3 دۆلەتنىڭ پارلامېنت باشلىقى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1854118
شەنتوپ 3 دۆلەتنىڭ پارلامېنت باشلىقى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەنتوپ، ئىراق ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى مۇھەممەد ھەلبۇسى، سەئۇدى ئەرەبىستان شۇرا مەجلىسىنىڭ باشلىقى ئابدۇللاھ بىن مۇھەممەد ئەششەيخ ۋە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى پارلامېنت باشلىقى زورلو تۆرە قاتارلىقلار بىلەن «قۇربان ھېيت» مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېفونلاشتى.

مەنپساپداشلىرى ۋە مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ خەلقلىرىنىڭ «قۇربان ھېيت» ىنى تەبرىكلىگەن شەنتوپ، «قۇربان ھېيت» نىڭ پۈتكۈل «ئىسلام دۇنياسى» ۋە پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن ساغلىملىق،، ھۇزۇر، بەخت – سائادەت ۋە تىنچلىق ئېلىپ كېلىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

تېلېفون سۆھبەتلىرىدە، پارلامېنت باشلىقلىرى، بىر - بىرىلىرىنىڭ «قۇربان ھېيت» نى تەبرىكلەشكەندىن سىرت يەنە، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى، پارلامېنتلار ئارا مۇناسىۋەتلەر، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق سىياسىي ئۆزگىرىشلەر توغرىلىقمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر