تۈركىيە – مالايشىيا ئوتتۇرىسىدا 7 تۈرلۈك كېلىشىم ئىمزالاندى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان مالايشىيا باش مىنىستىرى ئىسمائىل سەبرى ياقۇبنى رەسمىي مۇراسىم ئارقىلىق قارشى ئالدى.

1853411
تۈركىيە – مالايشىيا ئوتتۇرىسىدا 7 تۈرلۈك كېلىشىم ئىمزالاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت ئەنقەرەدە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدىن كېيىن، ئەردوغان بىلەن ياقۇب، ئايرىم كۆرۈشتى.

ئىككى رەھبەر، ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن، تۈرلۈك كېلىشىملەرنى ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

تۈركىيە بىلەن مالايشىيا ئوتتۇرىسىدا، دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى، سانائەت، تېخنولوگىيە، سەھىيە، ئۇچۇر - ئالاقە ۋە ئاخبارات قاتارلىق ساھەلەردە 7 تۈرلۈك كېلىشىم ئىمزالاندى.

ئەردوغان بىلەن ياقۇبنىڭ قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر