ئىراقنىڭ شىمالىدا ئىككى ئامانلىق ساقلىغۇچى شېھىت بولدى
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك غا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا ئىككى نەپەر ئامانلىق قوغدىغۇچىسى شېھىت بولدى.
1850970
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاككارى ۋالىيلىق مەھكىمىسى بايانات بېرىپ، <پەنچە-كلىت> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھۇجۇمى نەتىجىسىدە مۇھاپىزەتچى كەمال ئالىم ۋە ھۈسەيىن سارىنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى بىلدۈردى؛ باياناتتا، «شېھىت بولغان ئامانلىق قوغدىغۇچىسى ئالىم ۋە سارىغا ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەيمىز، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە بىلدۈرىمىز ۋە سەۋر تىلەيمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىياكوس مىتسوتاكىس ئەتە تۈركىيەگە يېتىپ كېلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە مىتسوتاكىسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.