گېرمانىيەدىكى تۈركلەرنىڭ ئۈمىدى قوش دۆلەت پۇقرالىقىنى ئاسانلاشتۇرۇش

تۈركىيەنىڭ بېرلىندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئەھمەت باشار شەن گېرمانىيەدىكى تۈركلەرنىڭ ئۈمىدىنىڭ قوش دۆلەت پۇقرالىقىنى قانۇنلاشتۇرۇش ۋە رەسمىيەتلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1845338
گېرمانىيەدىكى تۈركلەرنىڭ ئۈمىدى قوش دۆلەت پۇقرالىقىنى ئاسانلاشتۇرۇش

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش ئەلچى ئەھمەت باشار شەن گېرمانىيە تۈرك جەمئىيىتى (TGD) ئومۇمىي يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتىقىدا، 25 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان گېرمانىيەدىكى تۈركلەرنىڭ ھەق - ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتى ئۈچۈن مۇۋەپپەقىيەتلىك خىزمەت قىلىۋاتقان گېرمانىيە تۈرك جەمئىيىتى (TGD)  نى تەبرىكلىدى.

ئەھمەت باشار شەن تۈركلەرنىڭ گېرمانىيەدە مەڭگۈ قالىدىغانلىقىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «گېرمانىيەدىكى تۈركلەر قوش دۆلەت پۇقرالىقىنىڭ قانۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە پۇقرالىققا ئۆتۈش باشقۇچىنىڭ ئاسانلاشتۇرۇلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. گېرمانىيە پۇقرالىقى ئالمىغانلار ھېچ بولمىغاندا يەرلىك سايلاملاردا بولسىمۇ بېلەت تاشلاش ھوقۇقىغا ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ» دېدى.

تۈركىيە بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدا تارىخىي نۇقتىدىن چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ھەمكارلىق ۋە ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋەتلىرى بارلىقىنى تىلغا ئالغان باشار شەن، گېرمانىيەدە ياشايدىغان تەخمىنەن 3 مىليون 500 مىڭ تۈركنى ئاساس قىلغان ئىنسانپەرۋەرلىك رىشتىسىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم تەرەپلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

باش ئەلچى ئەھمەت باشار شەن تۈرك جەمئىيىتىنىڭ 60 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان گېرمانىيەنىڭ تەرەققىياتىغا ۋە كۆپ خىل مەدەنىيەتلىك كىملىكىگە زور تۆھپە قوشقانلىقىنى تەكىتلەپ، «بۈگۈنكى كۈندە گېرمانىيەدىكى تۈركلەرنىڭ سىياسەت، ئىقتىساد، ئىلىم-پەن، تەنتەربىيە ۋە سەنئەت قاتارلىق ھەر قايسى ساھەلەردە ئىنتايىن مۇھىم ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى كۆرمەكتىمىز. بىز بۇنىڭدىن پەخىرلىنىمىز» دېدى.

ئۇ يەنە گېرمانىيەدىكى چەتئەللىكلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىش، ئىسلامغا دۈشمەنلىك قىلىش ۋە كەمسىتىش قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى تەرەپكە ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، تۈركىيەنىڭ گېرمانىيەدىكى ۋەكىللىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر