ئاقار بىريۇسسېلدا زىيارەتتە بولىدۇ

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاقار شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا زىيارەتتە بولىدۇ.

1843190
ئاقار بىريۇسسېلدا زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى 15 – 16 – ئىيۇن كۈنلىرى ناتو قارارگاھىدا بىر يەرگە جەم بولىدۇ.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاقار تۈركىيەگە ۋاكالىتەن ناتو يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەچ تەرەپلەردە بىريۇسسېلغا قاراپ يولغا چىقىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، يىغىن دائىرىسىدە ناتو قارارگاھىدىكى ئولتۇرۇشلارغا قاتنىشىدىغان مىنىستىر ئاقار، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى ستولتېنبېرگنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رەھبەرلەر بىلەن ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر