چاۋۇشئوغلۇ ئىتالىيەدە يوقاپ كەتكەن تىك ئۇچار ئايروپىلان توغرىسىدا بايانات بەردى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئىتالىيەدە يوقاپ كەتكەن تىك ئۇچار ئايروپىلان ئايروپىلان توغرىسىدا بايانات بەردى.

1841584
چاۋۇشئوغلۇ ئىتالىيەدە يوقاپ كەتكەن تىك ئۇچار ئايروپىلان توغرىسىدا بايانات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئىتالىيەدە يوقاپ كەتكەن تىك ئۇچار ئايروپىلان توغرىسىدا بايانات بېرىپ:  «تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتكەن رايون تېپىلىپتۇ، ئەمما ئايروپىلاندىكىلەر توغرىسىدا ھازىرچە ھېچقانداق ئۇچۇر يوق» دېدى.

ئىتالىيە مەتبۇئاتلىرى، كۇسنا تېغىدىن پەيشەنبە كۈنى راداردىن غايىب بولغان تىك ئۇچارغا تەۋە بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىلىۋاتقان قالدۇقلارنىڭ تېپىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

9 – ئىيۇندا ئىتالىيەنىڭ لۇككا شەھىرىدىن تۆت نەپىرى تۈرك بولۇپ جەمئىي يەتتە ئادەمنى ئېلىپ ترېۋىسوغا قاراپ يولغا چىققاندىن كېيىن راداردىن يوقاپ كەتكەن تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ ئاقىۋىتى توغرىسىدا توختالغان چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ ئىتالىيە باش ئەلچىسى ۋە كونسۇلىنىڭ رايوندا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ۋەقەنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن چاۋۇشئوغلۇ، پۇقرالارنىڭ ساق – سالامەت قۇتۇلۇپ قالغان بولۇشىنى ئۈمىد قىلدىغانلىقىنى، يېڭى ئۇچۇرلار كەلسە، يەنە جامائەتچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر