«2022-كۇرتاران» مانېۋىرى باشلاندى

تۈركىيە دېڭىز، ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيە قىسىملىرى بىلەن ساھىل بىخەتەرلىك قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ خادىملىرى ۋە چەت ئەللىك كۆزەتكۈچىلەر قاتناشقان «2022-كۇرتاران» مانېۋىرى باشلاندى.

1832845
«2022-كۇرتاران» مانېۋىرى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دېڭىز، ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيە قىسىملىرى بىلەن ساھىل بىخەتەرلىك قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ خادىملىرى ۋە چەت ئەللىك كۆزەتكۈچىلەر قاتناشقان «2022-كۇرتاران» مانېۋىرى باشلاندى.

مانىۋېرغا، ئەزەربەيجان، باڭلادىش، بەھرەين، بۇلغارىيە، ئېكۋادور، ھىندونېزىيە، جەنۇبىي كورېيە، ئىسپانىيە، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى، پاكىستان، پولشا ۋە ئىيوردانىيەدىن 26 كۆزەتكۈچى قاتناشتى.

مۇغلانىڭ مارمارىس ئاكساز پورتىدىن ھەرىكەت قىلغان ت ج گ ئالەملەر سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ ئىزدەش-قۇتقۇزۇش كېمىسى قۇتقۇزۇش مانېۋىرلىرى ئۈچۈن ئاقدېڭىزغا يېتىپ باردى.

قۇتقۇزۇش ۋە سۇ ئاستى قوماندانى پولكونىك ئۆزگۈر كەنان تانسوي مەزكۇر مانېۋىرنىڭ بەشىنچى قېتىملىق «2022-كۇرتاران» مانېۋىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مانېۋىرغا، بىر پاراخوت، ئۈچ سۇ ئاستى پاراخوتى، بىر سۇ ئاستى قۇتقۇزۇش پاراخوتى، ئىككى قۇتقۇزۇش زاپاس پاراخوت، بىر مېنا تازىلاش پاراخوتى، بىر چارلاش پاراخوتى، بىر تىك ئۇچار ۋە بىر سۆرەش پاراخوتى؛ سۇ ئاستى تارقاقلاشتۇرۇش ۋە قۇتقۇزۇش ئەترىتى، بىر پاراشوت بىلەن ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ئەترىتى، قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ قۇتقۇزۇش تىك ئۇچارى، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ تىرانسىپورت ئايروپىلانى، ساھىل بىخەتەرلىك قوماندالىقىنىڭ ئىككى موتورلۇق قولۋىقىنىڭ قاتناشتۇرۇلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

بۇ قېتىمقى مانېۋىر 27-مايغىچە (2022) داۋاملىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر