ئەردوغان كولومبىيە پىرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان كولومبىيە پىرېزىدېنتى ئىۋان دۇك ماركۇز بىلەن كۆرۈشتى.

1830010
ئەردوغان كولومبىيە پىرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىنىڭ «دولماباھچە سارىيى» دىكى ئىشخانىسىدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۇچرىشىشتا، تۈركىيە – كولومبىيە مۇناسىۋەتلىرى كەڭ دائىرىلىك كۆزدىن كەچۈرۈلدى، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان قەدەملەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى، ھەمدە مەۋجۇت رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مۇنداق دېدى: «بىرئاز بۇرۇن بىز ئىمزالىغان ئورتاق باياننامە ئارقىلىق دۆلەتلىرىمىز ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى <ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھلىق> سەۋىيەسىگە يەتكۈزدۇق. ئىستىراتېگىيەلىك ئالىي ھەمكارلىق كېڭىشى مېخانىزمى سايىسىدا مۇناسىۋەتلىرىمىزنى ئىككى يىل ئىچىدە دۆلەت باشلىقلىرى سۈپىتىدە ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان ئۇچرىشىشلار ئارقىلىق ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزىمىز.»

كولومبىيەنىڭ، تۈركىيەنىڭ بىرازىلىيەدىن قالسا لاتىن ئامېرىكادىكى ئەڭ چوڭ ئىككىنچى سودا شېرىكى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان ئەردوغان، 2021 – يىلى كولومبىيە بىلەن بولغان سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ ئىككى ھەسسە يۈكسىلىپ، 2 مىليارد دوللاردىن ئاشقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «نىشانىمز ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسىنى 5 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈشتۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر