ئەردوغان سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنى ئاداققىچە قوغدايدىغانلىقىنى ئېيتتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مۇساپىرلار ھەققىدە توختىلىپ: «دۆلىتىمىزدە پاناھلانغان قېرىنداشلىرىمىزنى ئاداققىچە قوغدايمىز» دېدى.

1824142
ئەردوغان سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنى ئاداققىچە قوغدايدىغانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىستانبۇلدىكى ئاتاتۈرك مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۈسىئاد (مۇستەقىل سودا - سانائەتچىلەر جەمئىيىتى) قۇرۇلغانلىقىنىڭ 32 – خاتىرە يىلىنى تەبرىكلەش ۋە مۈسىئادنىڭ ئەنئەنىۋى «تۈركىيەنىڭ كۈچى» مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىدىكى سۆزى جەريانىدا تۈركىيەدىكى سۈرىيەلىك مۇساپىرلار توغرىسىدا توختىلىپ: «سۈرىيەدىكى ئۇرۇشتىن قېچىپ ۋەتىنىمىزدە پاناھلانغان بۇ قېرىنداشلىرىمىزنى ئاداققىچە قوغدايمىز. ئۇلار خالىغان ۋاقىتتا ۋەتىنىگە قايتىپ كەتسە بولىدۇ، لېكىن بىز ئۇلارنى بۇ يەرلەردىن ھەرگىزمۇ قوغلىمايمىز، ئۇلارنى قاتىللارنىڭ قۇچىقىغا تاشلاپ بەرمەيمىز» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يەنە، سۈرىيەنىڭ شىمالىدا كەم دېگەندە 100 مىڭ يۈرۈش برۇكېت ئۆي سېلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر