تۈركىيە باسېلدىكى ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك يانداشلىرىنىڭ، شېۋىيېتسارىيەنىڭ باسېل شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «23-ئاپرېل خەلقئارا بالىلار بايرىمى»نى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قىلغان ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

1823792
تۈركىيە باسېلدىكى ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھۇجۇم توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلىپ: «بىز، تېررورلۇق تەشكىلاتى قوللىغۇچىلىرىنىڭ بۈگۈن (تۈنۈگۈن) شېۋىيېتسارىيەنىڭ باسېل شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «23-ئاپرېل خەلقئارا بالىلار بايرىمى»نى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قارشى ئېلىپ بارغان ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز» دېدى.

باياناتتا، بىر تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭ يانداشلىرىنىڭ ياۋروپانىڭ كىندىكىدە بىر بالىلار بايرىمىنى زەربە ئوبيېكتى قىلغۇدەك دەرىجىدە پەسكەشلىشىشى، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ رەزىل ئەپتى بەشىرىسىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىپ بەرگەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا: «بىز، ھۇجۇمدا يارىلانغان پۇقرالىرىمىزنىڭ سالامەتىلىكىنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، ھەمدە بۇ قەبىھ قىلمىشنى سادىر قىلغۇچىلارنىڭ تېزدىن قانۇننىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشىغا تاپشۇرۇلۇپ، تېگىشلىك جازاغا تارتىلىشىنى كۈتمەكتىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

بۆلگۈنچى تەشكىلات تەرەپدارلىرى باسېلدىكى پائالىيەتكە قاتناشقان تۈركىيە پۇقرالىرىغا ھاقارەتلەرنى قىلغانىدى؛ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نى قوللاپ، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا قارشى شوئارلارنى توۋلىغان  تەخمىنەن 30 كىشىلىك بىر گۇرۇپپا، پائالىيەت رايونىدىكى توسۇقلارنى ئېلىپ تاشلاپ، ئىشتىراكچىلارغا ھۇجۇم قىلغان، ۋەقەدە ئالتە ئادەم يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر