رۇسىيە ئەلچىسى تۈركىيەنىڭ مۇرەسسەچىلىك رولىغا چىن دىلىدىن ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى

رۇسىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئالېكسېي يەرخوۋ تۈركىيەنىڭ رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى مۇرەسسەچىلىك رولىغا چىن دىلىدىن ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1823865
رۇسىيە ئەلچىسى تۈركىيەنىڭ مۇرەسسەچىلىك رولىغا چىن دىلىدىن ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ناتسىست گېرمانىيەسىنى مەغلۇب قىلغانلىقىنىڭ 77 - يىللىقى، رۇسىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن پايتەخت ئەنقەرەدىكى رۇسىيە ئۆيىدە تەبرىكلەندى.

باش ئەلچى ئالېكسېي يەرخوۋ 9-ماي غەلىبە كۈنى پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئېچىلىش مۇراسىمىدا، تۈركىيە - رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا خۇشال بىر كەلگۈسى بەرپا قىلىشنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئالېكسېي يەرخوۋ تۈركىيەنىڭ رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا ئۈستىگە ئالغان مۇرەسسەچىلىك رولىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى:

«ئىنتايىن سەمىمىيلىك بىلەن شۇنى بىلدۈرمەكچىمەنكى، بىز تۈركىيەنىڭ نۆۋەتتىكى جەريانغا قوشقان تۆھپىسى ۋە ئوينىغان مۇرەسسەچىلىك رولىغا چىن كۆڭلىمىزدىن ئەھميەت بېرىمىز ۋە ئۇنى قەدىرلەيمىز. تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمىز سېرگېي لاۋروۋنىڭ ئۇكرائىنالىق مەنسەپدىشى بىلەن ئانتاليادا ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشى ۋە تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ قاتناشقان دولماباھچە سارىيىدىكى باشقا ئۇچرىشىشلارغا قاتناشقانلىقىمىز، تۈركىيەنىڭ مۇرەسسەچىلىكىنى قانچىلىك قەدىرلەيدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىدۇ» دېدى.

ئالېكسېي يەرخوۋ تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نەتىجىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

رۇسىيە قىسىملىرى 24- فېۋرالدا ئۇكرائىناغا ھۇجۇم باشلىغان بولۇپ، ئاندىن ھەر قايسى تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا تۈركىيەنىڭ ساھىبخانلىقىدا بىر قاتار مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر