قالىن بايدىنغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى  باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ 1915- يىل ۋەقەلىرىگە مۇناسىۋەتلىك باياناتىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1817297
قالىن بايدىنغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى  باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ 1915- يىل ۋەقەلىرىگە مۇناسىۋەتلىك باياناتىدا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەن سۆزنى ئىشلەتكەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «مىليونلىغان كىشىنى ئۆلۈم گىردابىغا ئىتتىرگەن، دۇنيا ئۇرۇشلىرىنى قوزغىغان، كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللارنى ياساپ چىققان، ئاتوم بومبىسى تاشلىغان، قۇل سودىسى قىلغان ۋە ئىنسانلارنى ھايۋاناتلار باغچىلىرىدا كۆرگەزمە قىلغان زامانىۋى ۋەھشىيلەر... بىزنىڭ تارىخىمىزدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئىرقىي تازىلاش ياكى چوڭ قىرغىنچىلىق داغلىرى يوق. ئەينەكنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۆزۈڭلارغا قاراپ بېقىڭلار» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر