مالىيە مىنىستىرى نەباتى ياۋروپا مەركەز بانكىسىنىڭ باشلىقى بىلەن كۆرۈشتى

خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى نۇرەددىن نەباتى ياۋروپا مەركەز بانكىسىنىڭ باشلىقى كرىستىنې لاگاردې بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

1816163
مالىيە مىنىستىرى نەباتى ياۋروپا مەركەز بانكىسىنىڭ باشلىقى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 20 – گ گۇرۇھى مالىيە مىنىستىرلىرى ۋە مەركەز بانكىلىرى باشلىقلىرى يىغىنى ئۈچۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى نۇرەددىن نەباتى، بۇ يەردە، ياۋروپا مەركەز بانكىسىنىڭ باشلىقى كرىستىنې لاگاردې بىلەن بىلەن كۆرۈشتى.

نەباتى، ئۇچرىشىش ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ياۋروپا مەركەز بانكىسىنىڭ باشلىقى كرىستىنې لاگاردې خانىم بىلەن يەر شارىۋى ئىقتىسادىي ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق، ئۇچرىشىش مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتتى.» دېگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر