«كۆك ۋەتەن» ناملىق ھەربىي مانېۋىرنىڭ ئالاھىدە كۆزەتكۈچىلەر كۈنى پائالىيەتلىرى باشلاندى

مۇغلا ۋىلايىتىنىڭ مارمارىس ناھىيەسىدە «كۆك ۋەتەن» ناملىق ھەربىي مانېۋىرنىڭ ئالاھىدە كۆزەتكۈچىلەر كۈنى پائالىيەتلىرى باشلاندى.

1815751
«كۆك ۋەتەن» ناملىق ھەربىي مانېۋىرنىڭ ئالاھىدە كۆزەتكۈچىلەر كۈنى پائالىيەتلىرى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قارادېڭىز، ئاقدېڭىز ۋە ئەگە دېڭىزىدا 11 – ئاپرېل كۈنى بىرلا ۋاقىتتا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن «كۆك ۋەتەن» ناملىق ھەربىي مانېۋىرنىڭ ئالاھىدە كۆزەتكۈچىلەر كۈنى پائالىيەتلىرى، مۇغلا ۋىلايىتىنىڭ مارمارىس  ناھىيەسىدە باشلاندى.

يەرلىك ۋە مىللىي قورال – ياراغ سىستېمىلىرى ئىشلىتىلىۋاتقان ھەربىي مانېۋىردا، تۇنجى قېتىم ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى «ئاقسۇنگۇر» ماھارەت كۆرسىتىدۇ.

جەمئىي 45 دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيەلىرى ئۇنسۇرلىرىمۇ قاتنىشىۋاتقان ھەربىي مانېۋىرنى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقارمۇ «TCG Kemalreis» ناملىق قوغدىغۇچى پاراخوتتىن كۆزەتمەكتە.

ئالاھىدە كۆزەتكۈچىلەر كۈنى پائالىيەتلىرىنى 15 دۆلەتنىڭ ئەلچىخانىلىرىنىڭ مەسلىھەتچىلىرىمۇ كۆزىتىدۇ.

«TCG Kemalreis» ناملىق قوغدىغۇچى پاراخوتنىڭ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار تۇرۇۋاتقان قوغدىغۇچى پاراخوتقا 19 توپ ئېتىشى ئارقىلىق سالام بېرىشىدىن كېيىن، ھەربىي مانېۋىر دائىرىسىدىكى ماھارەتلەر كۆرسىتىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر