تۈركىيە كراماتورسك شەھىرىدىكى ھۇجۇم توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى كراماتورسك شەھىرىدىكى پويىز ئىستانسىسىغا قىلىنغان ھۇجۇم توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، دەرھال ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىش توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولدى.

1809688
تۈركىيە كراماتورسك شەھىرىدىكى ھۇجۇم توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا،  ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى كراماتورسك شەھىرىدىكى پويىز ئىستانسىسىغا راكېتامىيوتلار ئارقىلىق قىلىنغان ھۇجۇم نەتىجىسىدە، تارقاقلاشتۇرۇلۇشىنى كۈتۈۋاتقان ئونلارچە كىشىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ۋە يارىلانغانلىقى، ئەنقەرەنىڭ بۇنىڭدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىدىغانلىقى، بۇ ئېچىنىشلىق ۋەقەنىڭ، پۇقرالارنىڭ بىخەتەر ھالدا تارقاقلاشتۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىشى ئۈچۈن ئىنسانپەرۋەرلىك كارىدورلىرىنىڭ ئېچىلىشىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە مۇھىملىقى ۋە جىددىيلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرگەنلىكى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، دەرھال ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىش توغرىسىدىكى چاقىرىقىمىزنى تەكرارلايمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر