جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىيوردانىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىيوردانىيە پادىشاھى 2 – ئابدۇللاھنىڭ تەكلىپىگە بىىنائەن 11 – ئاپرېل دۈشەنبە كۈنى ئامماندا بىر كۈنلۈك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

1809761
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىيوردانىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى دائىرىسىدە ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان ئۇچرىشىشلاردا، تۈركىيە – ئىيوردانىيە مۇناسىۋەتلىرى ھەر جەھەتتىن كۆزدىن كەچۈرۈلىدىكەن، ھەمكارلىق ئىمكانىيەتلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىكەن. شۇنداقلا، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر