مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ۋېنگىرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ۋېنگىرىيە تاشقى ئىشلار ۋە تاشقى سودا مىنىستىرى پېتېر سىججارتو بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
![مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ۋېنگىرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/c2c8/5546/24f4/5ccc2e9190ddb.jpg?time=1718515178)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ۋېنگىرىيەدىكى سايلام نەتىجىسى مۇناسىۋىتى بىلەن مەنسەپدېشى سىججارتوغا تەبرىك تىلەكلىرىنى يەتكۈزگەن.
ۋېنگىرىيە دۆلەتلىك سايلام ئىشخانىسى (NVI) ئورتاقلاشقان سانلىق مەلۇماتلاردا بىلدۈرۈلىشىچە، تۈنۈگۈن (2022-يىلى 3-ئاپرېل) ئۆتكۈزۈلگەن ۋە %96 ئاۋاز سانالغان چوڭ سايلامدا، ھازىرقى باش مىنىستىر ۋىكتور ئوربان باشچىلىقىدىكى خىرىستىيان دېموكراتىك خەلق پارتىيەسى (KDNP) ۋە ۋېنگىرىيە يۇرتداشلار بىرلىكى پارتىيەسى بىرلەشمىسى غەلىبە قىلغان.
ۋېنگىرىيە دۆلەتلىك سايلام ئىشخانىسى 199 كىشىلىك پارلامېنتتا، خىرىستىيان دېموكراتىك خەلق پارتىيىسى بىلەن ۋېنگىرىيە يۇرتداشلار بىرلىكى پارتىيەسى بىرلەشمىسىنىڭ 135 ئورۇنغا، ۋېنگرىيە ئۈچۈن بىرلىك پارتىيەسىنىڭ 56 ئورۇنغا، ئوڭچىل خازانك پارتىيەسىنىڭ 7 ئورۇنغا ئېرىشىپ پارلامېنتتا ۋەكىللىك قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا 17 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/092a/4f42/8ae2/662603c7e0cd8.jpg?time=1718515178)
ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا 17 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 17 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.