ئەردوغان: تۈركىيەنى ئادالەت، ھەققانىيەت، ھۇزۇر ۋە گۈللىنىشنىڭ سىمۋولىغا ئايلاندۇرىمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان دۇنيا كىرىزىس پاتقىقىغا پېتىپ قېلىۋاتقان بىر دەۋردە تۈركىيەنى ئادالەت، ھەققانىيەت، ھۇزۇر ۋە گۈللىنىشنىڭ سىمۋولىغا ئايلاندۇرۇش ۋە ئۇلۇغۋار نىشانلىرىغا يەتكۈزۈش يولىدا پۈتۈن كۈچلىرى بىلەن خىزمەت ئىشلەۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى

1806091
ئەردوغان: تۈركىيەنى ئادالەت، ھەققانىيەت، ھۇزۇر ۋە گۈللىنىشنىڭ سىمۋولىغا ئايلاندۇرىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان، ئىستانبۇلدىكى دولماباھچە سارىيىدىكى ئىشخانىسىدىن، مالاتيا ئايلانما يولىنىڭ 1-بۆلىكىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا نەق مەيدان ئۇلىنىش ئارقىلىق قاتنىشىپ، قىلغان سۆزىدە، ئۇلىنىش يولى بىلەن ئۇزۇنلۇقى 53.5 كىلومېتىر كېلىدىغان ئايلانما يولىنىڭ بويىدا  12 ئاچال كۆۋرۈكى، 5 يەر ئاستى ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى، 3 تۆمۈر يول كۆۋرۈكى، 4 سۇ يولى كۆۋرۈكىنىڭ ئورۇن ئالغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ يول ئارقىلىق شەھەر مەركىزىدىكى قاتناش بېسىمىنى يېنىكلىتىش ئارقىلىق، ۋاقىتتىن 89 مىليون لىرا، يېقىلغۇدىن 97 مىليون لىرا تېجەپ قېلىنىدىغانلىقىنى، ھەمدە كاربون قويۇپ بېرىش مىقدارىنىڭ 19 مىڭ توننىدىن ئارتۇق ئازايتىلىدىغانلىقىنى، بۇ لايىھە ئۈچۈن سېلىنغان ئومۇمىي مەبلەغ تەننەرخىنىڭ 1 مىليارد 128 مىليون لىرا ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىز نۆۋەتتە، پۈتكۈل دۇنيا ‹كوۋىد – 19› يۇقۇمىدىن تارتىپ ئۇرۇشقىچە، كۆچمەنلەر كىرىزىسىدىن ئىرقىي ئايرىمچىلىق مەسىلىسىگىچە، ئېنېرگىيە ۋە يېمەك – ئىچمەكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىقتىسادىي داۋالغۇشلاردىن ئىجتىمائىي قالايمىقانچىلىقلارغىچە سان – ساناقسىز كرىزىس پاتقىقىغا پېتىپ قېلىۋاتقان بىر دەۋرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىمىز. مانا مۇشۇنداق قورقۇنچلۇق ۋەزىيەت ۋە خەۋپلىك باسقۇچتا، دۆلىتىمىزنى ئادالەت، ھەققانىيەت، ھۇزۇر ۋە گۈللىنىشنىڭ سىمۋولىغا ئايلاندۇرۇش ۋە ئۇلۇغۋار نىشانلىرىغا يەتكۈزۈش يولىدا پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىنىمسىز خىزمەت ئىشلەۋاتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر