تۈركىيە ئافغانىستاندىكى قىز بالىلارنىڭ ئوقۇشىغا رۇخسەت قىلىنىشى توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولدى

تۈركىيە ئافغانىستاندىكى ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى باسقۇچىدىكى قىزلارنىڭ ئوقۇشىغا قويۇلغان چەكلىمىلەرنىڭ بىكار قىلىنىپ، ئوخشىمىغان ياشتىكى قىزلارنىڭ ئوقۇشىغا رۇخسەت قىلىنىشى توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولدى.

1801036
تۈركىيە ئافغانىستاندىكى قىز بالىلارنىڭ ئوقۇشىغا رۇخسەت قىلىنىشى توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئەنقەرەنىڭ، ئافغانىستاندا تۈنۈگۈن باشلانغان يېڭى ئوقۇ -  ئوقۇتۇش مەزگىلىدە، ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى باسقۇچىدىكى قىز بالىلارغا قويۇلغان چەكلىمىلەرنىڭ داۋاملاشتۇرۇلۇشىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئافغانىستانلىقلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ، قىزلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭى مائارىپ مەزگىلىدە داۋاملىق ئوقۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «ئافغانىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنى، ئافغانىستان خەلقىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن، ئوخشىمىغان ياشتىكى قىزلارنىڭ ئوقۇشىغا دەرھال يول قويۇشقا چاقىرىمىز، بۇ قىيىن كۈنلەردە ئافغانىستان خەلقىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىمىزنى تەكىتلەيمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر