تەرەپلەر ئانتاليادا ئۆتكۈزۈلگەن ئۈچ تەرەپ يىغىنىدىن كېيىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا بايانات ئېلان قىلدى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دىمىترو كۇلېبانىڭ تۈركىيەنىڭ مۇرەسسە قىلىشى سايىسىدا ئانتاليادا ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشى ئاخىرلاشتى.

1793371
تەرەپلەر ئانتاليادا ئۆتكۈزۈلگەن ئۈچ تەرەپ يىغىنىدىن كېيىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا بايانات ئېلان قىلدى
dmitro kuleba.jpg
çavuşoğlu.jpg
Lavrov Antalya.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروۋ ۋە ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كۇلېبا قاتارلىقلار بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئۈچ تەرەپ يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

تۈركىيە تەرەپ بىرىنچى باسقۇچتا ئۇكرائىنادا ئۈزۈل – كېسىل ئۇرۇش توختىتىشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈچ چىقارغان يىغىندىن كېيىن بىرىنچى بولۇپ  ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دىمىترو كۇلېبا بايانات بەردى. ئۇ تەخمىنەن بىر يېرىم سائەت داۋاملاشقان سۆھبەت جەريانىدا، ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدا ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇ ئۇچرىشىشنى ئورۇنلاشتۇرغان مەۈلۇت چاۋۇشئوغلۇغا رەھمەت ئېيتقان كۇلېبا، گەرچە بۈگۈن بىرەر ھەل قىلىش چارىسى ئوتتۇرىغا چىقمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ دۆلىتىدىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن بۇ خىل سۆھبەتلەرنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

لاۋروۋ بولسا، ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ تۈپ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەر خىل تەشەببۇسلارنى قوللايدىغانلىقىنى، ھېچقانداق تەشەببۇسنىڭ سۆھبەتنىڭ ئورنىنى باسالمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

رۇس مىنىستىر، يىغىندا ئۇكرائىنادا پۇقرالارنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك كارىدورى ئېچىش تەكلىپىنى قايتا تەكىتلىگەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق ۋە بىخەتەر يوللارنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى تەلتۆكۈس ھەل قىلىشنى خالايدىغانلىقلىرىنى تىلغا ئالغان لاۋروۋ، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مەنپەئەتلىرىنىڭ نەزەرگە ئېلىنىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

سېرگېي لاۋروۋ دۆلىتىگە يۈرگۈزۈلگەن جازالار توغرىسىدا توختىلىپ: «بىز جازالار مەسىلىسىنى قەتئىي غەربكە بېقىنىپ قالمايدىغان شەكىلدە ھەل قىلىمىز. بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق ئەھۋالغا يولۇقماسلىقىمىز ئۈچۈن كۈچلۈك تەدبىرلەرنى يولغا قويىمىز» دېدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشئوغلۇ يىغىندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ: «تىنچلىققا كۈچلۈك ئېھتىياج چۈشۈۋاتقان ھازىرقى ئەھۋالدا، رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنالىق كەسىپداشلىرىم لاۋروۋ ۋە كۇلېبا بىلەن ئانتاليا دىپلوماتىيە مۇنبىرى دائىرىسىدە ئۈچ تەرەپ ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزدۇق. ئۈمىدىمىز رايونىمىزنىڭ تىنچلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى. چاۋۇشوغلۇ سۆزىدە يەنە ئۆزلىرىنىڭ رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىيە ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

چاۋۇشئوغلۇ ئاخباراتقا بەرگەن باياناتىدا، بۈگۈنكى ئۈچ تەرەپ مىنىستىرلار يىغىنىدا، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىينى ئۇچراشتۇرۇش مەسىلىسىنىڭمۇ كۈنتەرتىپكە كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

چاۋۇشئوغلۇ يەنە، ئۇكرائىنا تەرەپنىڭ تۈركىيەدىن رۇسىيە بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان كەلگۈسىدىكى سۆھبەتلەرنىڭ كاپالەتچىسى بولۇش تەلىپىنى قايتا تەكىتلىگەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

رۇسىيە ئارمىيەسى 24-فېۋرال ئۇكرائىناغا بېسىپ كىرىپ، ئىشغال ھەرىكىتى باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر