تۈركىيە ئۇكرائىنادىن مىڭلارچە كىشىنى تارقاقلاشتۇردى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن ھازىرغىچە 8050 تۈركىيە پۇقراسىنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

1788366
تۈركىيە ئۇكرائىنادىن مىڭلارچە كىشىنى تارقاقلاشتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، بۈگۈن كىيېۋ، خاركىۋ، ئودېسسا، زاپورىژيا ۋە لۋىۋدىن ئەزەربەيجان پۇقرالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 2604 كىشىنىڭ يولغا چىققانلىقىنى، بۇلارنى قوشقاندا تارقاقلاشتۇرۇلغان تۈركلەر ئومۇمىي سانىنىڭ 8050 كە يەتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى ۋە «پۇقرالىرىمىزنى بىخەتەر تارقاقلاشتۇرۇش پىلانىمىز داۋاملاشماقتا» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ  بىر تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىدا سۆز قىلىپ، 24-فېۋرال ئۇرۇش باشلانغاندىن كېيىن دېڭىز ۋە ھاۋا تەۋەلىكلىرى تاقالغانلىقى ئۈچۈن، 25-فېۋرال ئۇكرائىنادىكى تۈركىيە پۇقرالىرىنى قۇرۇقلۇقتىن چېكىندۈرۈشنىڭ باشلانغانلىقى ۋە ھازىرغىچە (شۇ چاغقىچە) 5850 كىشىنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقىنى، 2200 كىشىنىڭ ئاپتوموبىللار ياكى ئۆزلىرىنىڭ ئىمكانىيەتلىرىگە تايىنىپ ئۇكرائىنادىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر