تۈركىيە خوجالى قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە بۇنىڭدىن 30 يىل ئىلگىرى دۇنيانىڭ كۆزى ئالدىدا يۈز بەرگەن خوجالى قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى...

1786013
تۈركىيە خوجالى قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۇنىڭدىن 30 يىل ئىلگىرى دۇنيانىڭ كۆزى ئالدىدا يۈز بەرگەن خوجالى قىرغىنچىلىقى پەيدا قىلغان جاراھەتلەرنىڭ ھېلىھەم يېڭى ھالىتىنى ساقلاۋاتقانلىقىنى، قېرىنداش ئەزەربەيجاننىڭ ئازابىنى ئەڭ چوڭقۇر شەكىلدە ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خوجالى قىرغىنچىلىقىنىڭ 30 – خاتىرە يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېرگرامما تارقىتىپ، ئەرمېنىيە كۈچلىرىنىڭ 1992 – يىلى 26 – فېۋرال ئەزەربەيجاننىڭ تاغلىق قاراباغ رايونىغا قاراشلىق خوجالى شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، نۇرغۇن ئايال ۋە بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 613 ئەزەربەيجانلىقنى قەتل قىلغانلىقى، نەچچە يۈز ئەزەربەيجان پۇقراسىنى يارىلاندۇرغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتتى.

مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئەرمېنىيە كۈچلىرى تەرىپىدىن ئەسىر ئېلىنغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا: «يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ ئاقىۋىتى تا بۈگۈنگىچە ئايدىڭلىتىلالمىدى. بۇنىڭدىن 30 يىل ئىلگىرى دۇنيانىڭ كۆزى ئالدىدا يۈز بەرگەن خوجالى قىرغىنچىلىقى پەيدا قىلغان جاراھەتلەرنىڭ ھېلىھەم يېڭى ھالىتىنى ساقلاۋاتقانلىقىنى بىلىمىز، قېرىنداش ئەزەربەيجاننىڭ ئازابىنى ئۆزىمىزنىڭ ئازابى دەپ قارايمىز ۋە كۈچلۈك شەكىلدە ئورتاقلىشىمىز. خوجالى قەتلىئامىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئەزەربەيجانلىق قېرىنداشلىرىمىزغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمىز، بارلىق جان ئەزەربەيجان خەلقىگە ئەڭ سەمىمىي شەكىلدە تەزىيە بىلدۈرىمىز ۋە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ قىممەتلىك يالدامىلىرىنى ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر