تۈركىيە بىلەن سېنېگال ئوتتۇرىسىدا كېلىشىم ئىمزالاندى

تۈركىيە بىلەن سېنېگال ئوتتۇرىسىدا ھەربىي رامكا كېلىشىمى ئىمزالاندى.

1783444
تۈركىيە بىلەن سېنېگال ئوتتۇرىسىدا كېلىشىم ئىمزالاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار بىلەن سېنېگال قوراللىق قىسىملىرى مىنىستىرى سىددىقى كابا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي رامكا كېلىشىمىگە ئىمزا قويدى.

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، (تۈنۈگۈن) سېنېگال زىيارىتىدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا ھەمراھ  بولغان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، سېنېگال قوراللىق قىسىملىرى مىنىستىرى سىددىقى كابا بىلەن كۆرۈشكەن.

ئۇچرىشىشتا، ئىككى تەرەپلىك، رايونلۇق مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرغان ئىككى مىنىستىر، تۈركىيە – سېنېگال ھەربىي رامكا كېلىشىمىگە ئىمزا قويغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر