ناتو باش كاتىپى رۇس ئەسكەرلىرىنىڭ دونېتسىك ۋە لۇگانىسك رايونلىرىغا كىرگەنلىكىنى بىلدۈردى

ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ رۇس ئەسكەرلىرىنىڭ دونېتسىك ۋە لۇگانىسك رايونلىرىغا كىرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

1783419
ناتو باش كاتىپى رۇس ئەسكەرلىرىنىڭ دونېتسىك ۋە لۇگانىسك رايونلىرىغا كىرگەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى قوشۇن سانىنى كۆپەيتكەنلىكىنى، ئەسكەرلەرنىڭ ئۇرۇشقا تەييار ھالەتتە كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئالدىنقى كۈنى كەچتە دونېستك ۋە لۇگانسك رايونلىرىغا كىرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

يېنس ستولتېنبېرگ، ناتو - ئۇكرائىنا كومىتېتى پەۋقۇلئاددە يىغىنىدىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى؛ رۇسىيەنىڭ ئاتالمىش ​​دونېتسىك خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئاتالمىش ​​لۇگانىس خەلق جۇمھۇرىيىتىنى ئېتىراپ قىلىشى ۋە رايونغا ئەسكەر ئەۋەتىش قارارىنى ئەيىبلىگەن ستولتېنبېرگ، موسكۋانى قارارىدىن ۋاز كېچىپ، دىپلوماتىيە يولىنى تاللاشقا چاقىردى.

«بىز ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن بىر ئەۋلاد دۇچار بولغان ئەڭ خەتەرلىك پەيتتە تۇرۇۋاتىمىز» دېگەن ستولتېنبېرگ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسى ئىچىدىكى قىرىم، دونباس ۋە چېگرا رايونلىرىدا 150 مىڭ ئەسكىرى، شۇنداقلا ئۇرۇش ۋە تىك ئۇچار ئايروپىلانلىرىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ھازىر رۇسىيەنىڭ نۇرغۇن ھەربىي قىسىملىرى جەڭگە تەييار ھالەتكە كەلتۈرۈلدى. ئەسكەرلەر لاگېرلىرىدىن چىقىپ ئالدىنقى سەپتە ھۇجۇم قىلىشقا تەييار  تۇرماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر