سانجار: تۈرك دۇنياسى بىرلەشسە، دۇنيانىڭ ئەڭ كۈچلۈك قۇتۇبلىرىنىڭ بىرىگە ئايلىنىدۇ

نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۈرك ئالىمى پىروفېسسور دوكتور ئەزىز سانجار: «مەن تۈركىيەنىڭ بىر پارچىسىمەن. ياۋروپا، ئامېرىكا، ياپونىيەگە كەتسەڭلار بولىدۇ، ئەمما ئۆزۈڭلارنىڭ تۈرك ئىكەنلىكىڭلارنى ئۇنتۇپ قالماڭلار» دېدى.

1781416
سانجار: تۈرك دۇنياسى بىرلەشسە، دۇنيانىڭ ئەڭ كۈچلۈك قۇتۇبلىرىنىڭ بىرىگە ئايلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياشلار ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرى مەھمەت مۇھەررەم قاساپوغلۇ بىلەن نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۈرك ئالىمى پىروفېسسور دوكتور ئەزىز سانجار ياشلار بىلەن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى.

ياشلار ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتكە ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇۋاتقان 43 ئوقۇغۇچى قاتناشتى.

ئەزىز سانجار ئۇچرىشىشتا سۆز قىىلىپ، ئۆزىنىڭ ماردىندا دۇنياغا كەلگەنلىكىنى، باشلانغۇچ مەكتەپتىن ئۇنىۋېرسىتېتقىچە تۈركىيەدە ئوقۇغانلىقىغا ئىشارەت قىلغاندىن كېيىن، ياشلارغا خىتابەن: «سىلەر تۈركىيەدە ناھايىتى ياخشى ئوقۇيالايسىلەر... تۈركىيەدە سىلەر ئىنتايىن ياخشى تەلىم – تەربىيە ئالالايدىغان  ناھايىتى ياخشى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىمىز بار. مەنمۇ تۈركىيەدە ناھايىتى ياخشى ئوقۇيالىدىم. مېنىڭ دەۋرىمدە، تۈركىيەدە ئىلىم – پەندە يۈكسەك پەللىگە يېتىش قىيىن ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئىلىم – پەن بىلەن قوراللىنىشنى تۈركىيەدە ئۆگەندىم... بىزنىڭ ھەر ساھەدە ئىنتايىن قىممەتلىك ئالىملىرىمىز بار. سىلەر ئۇلاردىن ئىلىم - پەن ئۆگىنەلەيسىلەر. مەن سىلەرنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە بېرىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن، ئەمما تۈركىيەنى ئۇنتۇپ قالماڭلار. سىلەر تۈركىيەگە قەرزدار، ئەمەلىيەتتە بۇنى قەرز دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ... تۈركىيە مېنىڭ قەلبىمدىدۇر. دۇنيانىڭ قايسى يېرىگە بارسام باراي، تۈركىيە يەنىلا مېنىڭ قەلبىمدە. مەن تۈركىيەنىڭ بىر پارچىسى. سىلەرنىڭمۇ شۇنداق ئويلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ياۋروپا، ئامېرىكا، ياپونىيەگە كەتسەڭلار بولىدۇ، ئەمما ئۆزۈڭلارنىڭ تۈرك ئىكەنلىكىڭلارنى ئۇنتۇپ قالماڭلار» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

تۈرك دۇنياسىغا ئەھمىيەت بېرىلىشى كېرەكلىكىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان سانجار: «تۈركىيەلا ئەمەس، بەلكى بىر تۈرك دۇنياسى بار. ئۇلار بىزگە قاراۋاتىدۇ. قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، ئەزەربەيجان ... ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈرك دۆلەتلىرىمۇ بىزگە قاراۋاتىدۇ. ئۇلارنى ئۇنتۇپ قالماڭلار، تۈرك دۇنياسى ئۆزئارا ھەمكارلاشسا، دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك قۇتۇپلارنىڭ بىرىگە ئايلىنىشى مۇمكىن» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر